ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ،
TSK
TSK · ماركۇس 9:25
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى.
ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! خۇدا ھەققى، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما! ــ دېدى
لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى.
چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى).
ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى.
لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان.