TSK

TSK · ماتتا 21:34

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى.   

سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى.   

مېنىڭ ئۈزۈمزارىمدا قىلغۇدەك يەنە نېمە ئىشىم قالدى؟ ياخشى ئۈزۈملەرنى كۈتكىنىمدە، نېمىشقا پەقەت ئاچچىق ئۈزۈمنىلا چىقىرىپ بەردى؟

مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىرىڭلار ھازىر ئۆز رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىپ، قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ چوقۇنماڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر» دەپ كەلگەنمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىغانسىلەر.

«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار،

ئۈزۈم پەسلى كەلگەندە، باغۋەنلەردىن ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىلەردىن [تېگىشلىكىنى] ئەكېلىش ئۈچۈن بىر قۇلىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.