ئاندىن كېيىن پادىشاھ باش كاھىن ھىلقىيا بىلەن ئورۇن باسار كاھىنلارغا ۋە ھەم دەرۋازىۋەنلەرگە: ــ بائالغا، ئاشەراھ بۇتىغا ۋە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدى؛ ئۇ بۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا، كىدرون ئېتىزلىقىدا كۆيدۈردى ۋە كۈللىرىنى بەيت-ئەلگە ئېلىپ باردى.
TSK
TSK · نەھەمىيا 13:22
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى [خۇدانىڭ ئۆيىگە] چاقىرىپ كېلىپ، [ئالدىنقى] ھويلىسىنىڭ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە يىغىپ،
ھەزەكىيا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنۇلسۇن، دەپ بۇيرۇدى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلغان ھامان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەغمە-ناۋا قىلىنىشقا، كانايلار چېلىنىشقا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ سازلىرى تەڭكەش قىلىنىشقا باشلىدى.
ــ ئاھ خۇدايىم، مەن مۇشۇ خەلق ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشىمنى ياد ئەتكەيسەن، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!.
يەشۇئادىن يوياكىم تۆرەلدى، يوياكىمدىن ئەلىياشىب تۆرەلدى، ئەلىياشىبتىن يويادا تۆرەلدى،
ــ «ئاھ خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، خۇدايىمنىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرىمنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!»
بىراق مەن بولسام، مېھرى-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ [كۈي] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن!
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
پادىشاھلار بولسا، «ئاتاق دادىلىرىڭ،» خانىشلار بولسا ئىنىكئانىلىرىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار ساڭا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، پۇتلىرىڭ ئالدىدىكى چاڭ-توپىنىمۇ يالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن؛ چۈنكى ماڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەر ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ.
چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق.