چۈنكى بىز بۇ يەرنى يوقىتىمىز؛ چۈنكى ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى، ــ دېدى.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 16:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەمدى مېنى توسما، مەن غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن؛ ئاندىن سېنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، ــ دېدى.
مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى.
مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى.
ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ!
ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، ــ دەيدۇ رەب، ــ «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»،
شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىك ۋە ئەيمىنىش-قورقۇنچ بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلايلى.