ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇي ئەتىرنى ياندۇرسۇن؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى پەرلىگىلى كەلگەندە، خۇشبۇيلارنى ياندۇرسۇن.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 18:5
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنى شۇنداق پەرلەپ تۇرسۇن. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
سىلەر كوھات جەمەتىدىكىلەرنى لاۋىيلار ئارىسىدىن قەتئىي يوقىتىپ قويماڭلار؛
ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم.
كورەنىڭ ئەۋرىسى، ئېبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، كوراھنىڭ ئوغلى شاللۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكى قېرىنداشلىرى بولغان كوراھىيلار [خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ] خىزمىتىنى باشقۇراتتى، چېدىرنىڭ ئىشىكلىرىنى باقاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرگاھىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان، [ئىبادەت] چېدىرىنىڭ ئىشىكىنى باققانىدى.
لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىرى بولغان نەغمىچىلەر ئىبادەتخانىدىكى ئۆيلەردە تۇرۇپ، باشقا خىزمەتلەرنى قىلماي، كېچە-كۈندۈز ئۆز ئىشلىرى بىلەنلا بولاتتى.
ئۇلار جامائەت چېدىرىنى ھەم مۇقەددەس جاينى باقاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتتە بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا قارايتتى.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئەمەن بىلەن ئوزۇقلاندۇرىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن؛ چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر ھاراملىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ھاراملىق ئۇلاردىن پۈتكۈل زېمىنغا تارقىلىپ كەتتى.
ئۇلار مۇقەددەس جايىمغا كىرىدۇ، مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا داستىخىنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ تاپشۇرۇقۇمغا مەسئۇل بولىدۇ.
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەتلىك ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن. بەزىلەر ۋىجدانىدا پاك تۇرۇشتىن چەتنەپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ غەرق بولغان كېمىدەك ۋەيران بولدى.
خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن.