مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەبىھلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:31
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ يولغا چىقتى. كېتىۋاتقىنىدا، يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈكى يولدا تاشلىنىپ قالدى، ئېشىكى بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ شىرمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر.
مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ مەندىن ئېزىپ كېتىشى بىلەن، مەندىن يىراقلىشىپ ئازغان، مەبۇدلىرىغا ئىنتىلگەن لاۋىي جەمەتىدىكىلەر ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛
بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى.