شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئارىسىدىن خۇدادىن قورقىدىغان، نەپسانىيەتچىلىكنى يامان كۆرىدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم دىيانەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:27
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر.
لېكىن سىلەر قانداقلا بولمىسۇن «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار؛ بولمىسا، «ھارام» قىلىنغان نەرسىلەردىن ئېلىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھارام قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىمۇ ھارام قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىسىلەر.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ زەراھنىڭ ئوغلى ئاقاننى، كۈمۈش، تون ۋە ئالتۇن تاختا بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى، ئۇيلىرى بىلەن ئېشەكلىرى، قويلىرى، چېدىرى بىلەن بارلىق تەۋەلىكلىرىنى ئېلىپ ئاقور جىلغىسىغا كەلتۈردى.
لېكىن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يوللىرىدا يۈرمەيتتى، بەلكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئېزىپ، پارىلارنى يەپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى.
لېكىن ھازىر نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىققاندا قاردەك ئاق بولۇپ قالدى.
نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ [ھارام مال-دۇنيا] ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار.
يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار.
خەقلەرگە ھېچ ئورۇن قالدۇرماي ئۆينى-ئۆيگە، ئېتىزنى-ئېتىزغا ئۇلىغانلارغا ۋاي! ئۆزۈڭلارنى يالغۇز زېمىندا قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟
ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛
ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇۋامنى يۇقىرىغا سالاي دەپ، نەپسى يوغىناپ ئۆز جەمەتىگە ھارام مەنپەئەت يىغقۇچىغا ۋاي!