TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي، ۋە گۇناھكارلار يېنىڭغا قايتىدۇ.

مەن ئاغزىمنى بىر تەمسىل بىلەن ئاچىمەن، قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن.  

شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن، لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ.

ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.

لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ، تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛

ئەي يىلانلارنىڭ پەرزەنتلىرى! سىلەر رەزىل تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى سۆز چىقسۇن؟ چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە تولۇپ تاشقان بولسا ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.

لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟

ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار.

تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!