TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر.

پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ.

تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر.

ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر.

«ئى ھەققانىيلىققا ئىنتىلگۈچىلەر، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ سىلەرنى يونۇپ چىقارغان تاشقا، سىلەرنى كولاپ چىقارغان ئورەككە نەزەر سېلىڭلار؛

مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن.

سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى، رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛ ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن، رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟

ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا.