TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:27

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە

ئۇ: ــ «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى.

بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت.

ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ــ دېدى.

ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! چۈنكى سىلەر [باشقىلارغا] قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قوشۇپ بېرىلىدۇ.   

لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.

شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛

ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا،

سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى.  

ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.