پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 23:9
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ.
ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار».
ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.
ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى.
ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر: ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلەر: ــ بۇ بىلەرمەن پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغانلىقىدىن: ــ ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ! ــ دېيىشتى.
ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان:
بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛