TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 26:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.

ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر.

ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي!

بۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ۋە پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى.

كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، ئاكامغا [ئاتىمىزدىن] [قالغان] مىراسنى مەن بىلەن تەڭ ئۈلىشىشكە بۇيرۇغايلا ــ دېدى.

ئۇلار شۇ سوئالنى توختىماي سوراۋاتاتتى، ئۇ رۇسلىنىپ ئۇلارغا: ــ ئاراڭلاردىكى كىم گۇناھسىز بولسا، [بۇ] [ئايالغا] بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! ــ دېدى.

قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛   

بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن.