ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 27:18
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن زىندان بېگى گۇندىخانىدا ياتقان ھەممە مەھبۇسلارنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇ يەردە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولى بىلەن بولاتتى.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ.
ئەمدى سۇرىيلەر توپ-توپ بولۇپ، بۇلاڭچىلىققا چىقىپ ئىسرائىلدىن بىر كىچىك قىزنى تۇتۇپ كەلگەنىدى؛ بۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
لېكىن ھازىر نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىققاندا قاردەك ئاق بولۇپ قالدى.
مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ. تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ.
ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار.
مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ.
خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ!
«يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.
ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى.
كىم خىراجەتنى ئۆزى تۆلەپ [ئەسكەر بولۇپ] جەڭگە چىقىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزار بىنا قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېمەيدۇ؟ قايسى پادا باققۇچى پادىنىڭ سۈتىدىن ئىچمەيدۇ؟
سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار.
قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار ــ يالغۇز مېھرىبان ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى تېرىككەك خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار.