TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 30:11

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.

«كىمكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.

سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما.

ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر.

چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.  

لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىخلاسمەنلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.

لېكىن سىلەر بولساڭلار [خۇدا] تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت.