ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك!
چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر.
نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
چۈنكى دانالىق پۇل پاناھ بولغاندەك، پاناھ بولىدۇ؛ بىراق دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ ئۆز ئىگىلىرىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.
ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر!
بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.
بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن [ھەقىقىي يولدىن] تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم.
قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.