بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 6:26
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردىن ھەربىر تىرىك قالغانلار بىر سەر كۈمۈش ۋە بىر چىشلەم نان تىلەشكە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ: «كاھىنلىق خىزمەتلىرىدىن ماڭا بىر ئورۇن بەرسىلە، يېگىلى بىر چىشلەم نان تاپاي دەپ ئېيتىدىغان بولىدۇ» دەيدۇ.
ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز بېغىشلىرىنىڭ ھەربىرىگە [سېھىرلىك] بىلەزۈكلەرنى قاداپ، جانلارنى تۇزاققا ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئېگىز-پاكار ئادەملەرنىڭ بېشىغا پەرەنچىنى ياسىغانلارغا ۋاي! ئەمدى سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ جانلىرىنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، جانلىرىڭلارنى ساق قالدۇرىمىز دەۋاتامسىلەر؟
لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ.