بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 6:32
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
زىنا قىلما.
ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ.
يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ.
سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
«ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ نادانلارغا:
مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم.
«بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ
ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ.
ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛