TSK

TSK · زەبۇر 147:19

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ــ ئەمدى، ئى ئىسرائىل، مەن سىلەرگە ئۆگىتىدىغان مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار ھاياتلىق تاپىسىلەر ۋە شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە تەقسىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر.

پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار.

ــ بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار تاغدا، ئوت، بۇلۇت ۋە سۈرلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن سىلەرنىڭ پۈتكۈل جامائىتىڭلارغا ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ھېچ باشقا [سۆزلەرنى] قوشمىغان؛ ئۇ ئۇلارنى ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈپ ماڭا تاپشۇردى.

«مانا، بۇلار پەرۋەردىگار ماڭا سىلەر [دەريادىن] ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆگىتىشنى تاپىلىغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر: ــ

مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ، بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر.

ئۇ ئۆز يوللىرىنى مۇساغا، قىلغانلىرىنى ئىسرائىللارغا نامايان قىلغان.

مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنۇمدا كۆپ تەرەپلىمە نەرسىلەرنى يازغان بولساممۇ، ئۇلار يات بىر نەرسە دەپ ھېسابلانماقتا.

ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.

ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن.