TSK

TSK · رىملىقلارغا 2:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: ــ «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟

مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا [خەلقىمنى] «باققۇچى»لارمىش تېخى! ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن، بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر!

ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاھزادىلەر خۇددى ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان بۆرىلەردەك؛ ئۇلار قان تۆكۈشىدۇ، جانلارنى نابۇت قىلىشىدۇ، ھارام مەنپەئەتنى بۇلىشىدۇ.

[زىئوننىڭ] ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، ۋە: ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ.

شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار. لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ،

ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر-يۇ، ئەمما ئۆزۈڭلار بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىڭلارنى تەگكۈزمەيسىلەر!   

ئەمما [خوجايىنى] ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،

چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ.