TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 21:16

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن شۇنداق قىلىۋېرىپ، مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەھدەم بىلەن بەلگىلىرىمنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن، مەن جەزمەن پادىشاھلىقنى سەندىن يىرتىۋېتىپ خىزمەتكارىڭغا بېرىمەن.   

خۇدا سۇلايمانغا يەنە بىر دۈشمىنىنى قوزغىدى؛ ئۇ بولسا غوجىسى، يەنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ يېنىدىن قېچىپ كەتكەن ئېلىئادانىڭ ئوغلى رەزون ئىدى.

يېرۇسالېمدا تۇرۇۋتقانلار يەھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاھازىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى؛ چۈنكى ئەرەبلەر بىلەن بىللە بارگاھقا بېسىپ كىرگەن قاراقچىلار ئاھازىيانىڭ ئاكىلىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا سەلتەنەت قىلدى.

شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى.

شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى قەبىلە باشلىقلىرى، كاھىنلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا خۇدا تەرىپىدىن روھى قوزغىتىلغان بارلىق خەلق ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى [يېڭىۋاشتىن] سېلىشقا بېرىشقا تەييارلاندى.

مەن بولسام پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا بىرى يوق؛ مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر؛ سەن مېنى تونۇمىغىنىڭ بىلەن، مەن بېلىڭنى باغلاپ چىڭىتتىمكى،

شەھەردە [ئاگاھ] كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟