TSK

TSK · سامۇئىل «2» 6:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى.

پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ سەن قاچانغىچە سائۇل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرىسەن؟ مەن ئۇنى ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلىغان ئەمەسمۇ؟ مۈڭگۈزۈڭنى زەيتۇن مېيى بىلەن تولدۇرۇپ بارغىن. مەن سېنى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن پادىشاھ بولۇشقا ئۆزۈمگە بىرنى بېكىتتىم، دېدى.

بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە: سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى.  

داۋۇت بولسا كاناپ ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇسسۇل ئوينايتتى؛

پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقال پەنجىردىن تۆۋەنگە قاراپ تۇراتتى؛ ئۇ داۋۇتنىڭ سەكرەپ ئويناپ-چېلىپ تەنتەنە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئۇنى زاڭلىق قىلدى.

سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن: ــ «مەن بىر ئەزىمەت ئۈستىگە ياردىمىمنى قوندۇردۇم، ئەل ئارىسىدىن مەن تاللىۋالغان بىرسىنى كۆتۈردۈم؛

شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار.