كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى. ئىبراھىمنىڭ سەپىرى
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:32
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ [نامى] بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار.
چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ.
ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛ يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچى، ئاۋازىڭنى كۈچەپ كۆتۈرگىن! ئۇنى كۆتۈرگىن، قورقمىغىن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە: ــ «مانا، خۇدايىڭلارغا قاراڭلار» دېگىن!
تاغلار ئۈستىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە! ئۇ ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلايدۇ، بەختلىك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، نىجات-قۇتۇلۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ زىئونغا: «خۇدايىڭ ھەممىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ!»
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن داۋۇت ئۈچۈن بىر «ھەققانىي شاخ»نى ئۆستۈرۈپ تىكلەيمەن؛ ئۇ پادىشاھ بولۇپ دانالىق بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ، زېمىندا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ.
ــ «[خۇدا] تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر.
مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
زور شادلان، ئى زىئون قىزى! تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛
ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن.
لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك، يەنى ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈ ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى».
بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن.
ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى.
ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن.
شۇنىڭدەك، [خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى] ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. [مۇقەددەس كىتابتا] ئۇ: «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ ــ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر.