ئۇلار ئۇنىڭغا: مانا سېنىڭ كەمىنىلىرىڭ ئارىسىدا ئەللىك ئەزىمەت بار؛ ئۆتۈنىمىز، بۇلار غوجاڭنى ئىزدىگىلى بارسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ روھى بەلكىم ئۇنى كۆتۈرۈپ تاغلارنىڭ بىر يېرىدە ياكى جىلغىلارنىڭ بىر تەرىپىدە تاشلاپ قويدىمىكى، دېدى. لېكىن ئۇ: سىلەر ھېچ ئادەمنى ئەۋەتمەڭلار، دېدى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:39
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛
خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر.
ئۇ قولنىڭ كۆرۈنۈشىدەك بىر شەكىلنى سوزۇپ، بېشىمدىكى بىر تۇتام چاچنى تۇتتى؛ روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە يېرۇسالېمغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى. ئاشۇ يەر «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد تۇرغان جاي ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ روھى بەرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى؛ شۇئان مەن كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندىن كەتتى.
ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
[ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلدى.
ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز.
مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن؛ ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار!
لېكىن ئەمدى سىلەر ھازىر ئۇنداق يوغان گەپلىرىڭلار بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق ماختىنىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىل ئىشتۇر.