TSK

TSK · دانىيال 10:18

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ھالبۇكى، مەن ئەكسىچە ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، لەۋلىرىمنىڭ تەسەللىسى سىلەرگە دورا-دەرمان بولاتتى.

ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.

ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ

مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم.

ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى.

لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛