TSK

TSK · دانىيال 12:2

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛ ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس.

ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىرتقا چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىگە قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى يەۋاتقان قۇرتلار ئۆلمەيدۇ؛ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە يىرگىنچلىك بىلىنىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى.

مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن!  

بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ.

خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟   

مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا [ئۆلۈمدە] ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز!   

مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب ــ «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.