TSK

TSK · دانىيال 3:26

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پۈتكۈل ئىسرائىل قۇرۇق يەرنى دەسسەپ، بارلىق خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغۇچىلىك، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مەزمۇت تۇردى.

ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى.

ئۇلار بىزگە: «بىز ئاسمان-زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرى، بىز ھازىر بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئۆينى ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى سالدۇرغانىدى.

شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ.  

پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ دەرۋەقە، سېنىڭ خۇدايىڭ ئىلاھلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ، پادىشاھلارنىڭ خوجىسى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى ئىكەن، چۈنكى سەن بۇ سىرنى يەشتىڭ! ــ دېدى.

ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم.

دانىيال جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا!

بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: ــ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىر بىزنى يوشۇرۇنچە قوغلىماقچىمۇ؟ ياق، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ! ئەمەلدارلار ئۆزلىرى كېلىپ بىزنى چىقارسۇن! ــ دېدى.

مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم.