شۇنى ئاڭلاپ ئادونىيانىڭ بارلىق مېھمانلىرى ھودۇقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ ھەربىرى ئۆز يولىغا كەتتى.
TSK
TSK · دانىيال 5:4
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس.
مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن.
ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ!
پادىشاھ نېبوقادنەسار ئالتۇندىن ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز كېلىدىغان بىر ھەيكەل ياساپ، بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە ئورناتتى.
ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.
ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! ئۇ ۋەز ئېيتامدۇ؟ مانا، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەندى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر.
ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە-ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى.