TSK

TSK · دانىيال 6:26

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

چۈنكى ئەت ئىگىلىرىدىن ھايات ئىگىسى خۇدانىڭ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىزدەك تىرىك تۇرۇۋاتقانلاردىن كىم بار؟

قۇللىرى ھەم شىر ھەم ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن؛ بۇ خەتنىسىز فىلىستىيمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت كەلتۈردى ــ دېدى.

«مەنكى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئارتاخشاشتادىن ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ مۇكەممەل تەۋرات-قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزراغا سالام!

پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار مەڭگۈگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.

پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! خەلقلەر تىترىسۇن! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن!

ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ.   

لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.

ئەمدى مەن شۇنداق پەرمان چۈشۈرىمەنكى: قايسى ئەل-يۇرت بولسۇن، قايسى تائىپىلەردىن كەلگەن بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا قارا چاپلايدىكەن، پۈتۈن تېنى قىيما-چىيما قىلىنسۇن، ئۆيلىرى ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلسۇن! چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان باشقا ئىلاھ يوق.

ئەمدى شۇ كۈنلەر توشقاندا، مەن نېبوقادنەسار ئاسمانغا كۆز تىكىپ قارىۋىدىم، ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچىنى مەدھىيىلەپ، ھۆرمەت ئەيلىدىم. ئۇنىڭ ھاكىملىقى مەڭگۈلۈك ھاكىملىقتۇر؛ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىدۇر.

ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس.

ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا: «[سىلەر] تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ.

بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».  

لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ــ ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار!

ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا، كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ».  

شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى.

بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ.   

تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى.