TSK

TSK · دانىيال 9:3

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

شۇ چاغدا ئاخاۋا دەرياسى بويىدا مەن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمىزنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىمىز ۋە كىچىك بالىلىرىمىز ھەم بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزدىن ئاق يول تىلەشكە روزا تۇتايلى، دەپ جاكارلىدىم.

ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدىن قوپۇپ ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى يەھوھاناننىڭ ئۆيىگە كىردى؛ ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەندە غىزامۇ يېمىدى، سۇمۇ ئىچمىدى، چۈنكى ئۇ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىناتتى.

شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛

پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يەھۇدىيلار ئارىسىدا قاتتىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، يىغا-زار قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بوز يېپىنىپ كۈلدە ئېغىناپ يېتىشتى.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم».

مەن يىغلىدىم، جېنىم روزا تۇتتى، بۇمۇ ماڭا ئەيىب دەپ قارالدى.

شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن.

رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەنىلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلەيدىغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئىجابەت قىلغۇچى بولىمەن؛ مەن قوي پادىسىدەك ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئاۋۇتىمەن؛

ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم.

بىراق ھەتتا ھازىرمۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چىن كۆڭلۈڭلەر بىلەن، روزىلار بىلەن، يىغىلار بىلەن ماتەم تۇتۇپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار؛

بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ــ دېدى.

كورنىلىي مۇنداق دېدى: ــ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە روزا تۇتقانىدىم؛ سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى:

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.