ئەگەر بىراۋ ئۆچمەنلىك بىلەن بىرسىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىپ ياكى مۆكۈپ تۇرۇپ بىرەر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،
TSK
TSK · مىسىردىن چىقىش 21:14
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ۋە باشباشتاقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرىدىغان كاھىنغا ياكى سوراقچى بەگكە قۇلاق سالمىغان كىشى بولسا، شۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن ھەيدەپ چىقىرىسىلەر.
لېكىن بىرسى قوشنىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت تۇتقان بولسا، پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە ۋە شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋالغان بولسا،
«كىمكى قوشنىسىنى پايلاپ تۇرۇپ يوشۇرۇن ئۆلتۈرسە لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
يوئاب ئاماسادىن: تىنچلىقمۇ، ئىنىم؟ ــ دەپ سورىدى. يوئاب ئاماسانى سۆيمەكچى بولغاندەك ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ساقىلىدىن تۇتتى.
بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتكەندە (چۈنكى يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى) يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى.
ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارغا: ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى.
قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!
بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «[روھىي] ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر.