TSK

TSK · يارىتىلىش 1:7

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛

خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.

بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا، كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟

[تەڭرى] ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ.

ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى، ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار!

بۇلۇتلار يامغۇرغا تولغان بولسا، ئۆزلىرىنى زېمىن ئۈستىگە بوشىتىدۇ؛ دەرەخ شىمال تەرەپكە ئۆرۈلسە، ياكى جەنۇب تەرەپكە ئۆرۈلسە، قايسى تەرەپكە چۈشكەن بولسا، شۇ يەردە قالىدۇ.