TSK

TSK · يارىتىلىش 21:23

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بولسام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغانمەنكى،

مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى شۇنداقلا يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇ قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ بەرمەي،

قېنى كەل، سەن بىلەن ئىككىمىز بىر ئەھدە تۈزۈشەيلى، بۇ مەن بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى.

ئۇنىڭ خوجىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىدا روناق تاپقۇزغانلىقىنى بايقىدى.

ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، ــ دېدى.

ئاندىن يوناتان يەنە ئۆزىنىڭ داۋۇتقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا قەسەم قىلدۇردى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى.

لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار بىلەن ماڭا قەسەم قىلغىنكى، مەندىن كېيىن مېنىڭ نەسلىمنى يوقاتماي، نامىمنى ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرمىگەيسەن»، دېدى.

داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ بىزنى ئۇ [دۈشمەن] قوشۇنى تەرەپكە باشلاپ بارالامسەن، دېدى. ئۇ: ــ خۇدانىڭ نامى بىلەن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، سېنى غوجاڭنىڭ قولىغىمۇ تۇتۇپ بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلسىلا، سىلىنى ئۇ قوشۇننىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دېدى.

ئەمما خۇدانى ئۆز جېنىمغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەنكى، كورىنتقا تېخى بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى كۆڭلۇڭلارنى ئاياش ئۈچۈن ئىدى.