TSK

TSK · يەشايا 1:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

يەھوشافات ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىدا بولۇپ ساداقەتلىك بىلەن چىن كۆڭلۈڭلاردىن بېجىرىڭلار.

خۇدانىڭ شەھىرىنى ــ يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ماكانلاشقان مۇقەددەس جاينى، خۇرسەن قىلىدىغان ئېقىنلىرى شاخلىغان بىر دەريا باردۇر.

قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. سېلاھ.

رەزىل ئادەمگە رەھىم كۆرسىتىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەققانىيلىقنى ئۆگەنمەيدۇ؛ ھەتتا دۇرۇسلۇق تۇرغان زېمىندىمۇ ئۇ يەنىلا ئادىلسىزلىق قىلىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى كۆرمەيدۇ.

بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى، زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛ بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛

شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟  

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ

ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي!

ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار.   

ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ــ ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە،

جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى.