TSK

TSK · يەشايا 21:16

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام،

ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟

«ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ». ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى! بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك، سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن.

دالا ھەم ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر، كېدار قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان كەنتلەر ئاۋازىنى كۆتۈرسۇن، سېلادىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسۇن، تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن تەنتەنە قىلسۇن!

بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى تۇغۇلۇق سۆز: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ دېيىلىدۇ؛