TSK

TSK · يەشايا 8:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما.  

يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىنى سەن تونۇمايدىغان بىر ئەل يەپ كېتىدۇ؛ سەن بارلىق كۈنلىرىڭدە ئېزىلىپ زۇلۇم تارتىسەن؛

ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كېلىپ: «پادىشاھ: «مانا بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى؛ مەن زادى نېمە دەپ پەرۋەردىگارغا يەنە ئۈمىد باغلىيالارمەن؟» دەيدۇ، دېدى.

ئەگەر سەن قولۇڭنى سوزۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە تېگىپ قويساڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ، سېنى تىللىمىسا [شەيتان بولماي كېتەي]! ــ دېدى.

ئايالى ئۇنىڭغا: ــ ئەجەبا سەن تېخىچە ئۆز ساداقەتلىكىڭدە چىڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ خۇدانى قارغا، ئۆلۈپلا تۈگەش! ــ دېدى.

شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇ دەريادەك بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلىرىدىن تېشىپ كېتىدۇ، ھەممە قىرغاقلىرىنى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛

مەن دالاغا چىقسام، مانا قىلىچتىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر؛ شەھەرگە كىرسەم، مانا قەھەتچىلىكتىن سولىشىپ كەتكەنلەر! چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا بىلىمسىز-نادان بولۇپ، ئۇلار زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى.

قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.