ئاھاز ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: مەن سىلىنىڭ قۇللىرى، سىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولىمەن؛ ماڭا ھۇجۇم قىلىۋاتقان سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا چىققايلا، دېدى.
TSK
TSK · يەرەمىيا 13:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ.
ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىدا ساقلانغان نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى؛ يەنى كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللارنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ ھەممىسىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە ياكى پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى.
پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟
ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن!
مانا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق قىز-ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ [قىز-ئاياللار] ساڭا [تەنە قىلىپ]: «سېنىڭ جان دوستلىرىڭ سېنى ئېزىقتۇردى؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلدى؛ ئەمدى ھازىر پۇتلىرىڭ پاتقاققا پىتىپ كەتكەندە، ئۇلار يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئارقىسىنى قىلدى!» ــ دەيدۇ.
ئەمدى سېنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئالدىدا: «مەن خۇدا» ــ دەمسەن؟ بىراق سەن ئۆزۈڭنى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغاننىڭ قولى ئاستىدا تەڭرى ئەمەس، ئىنسان بولۇپ چىقىسەن.