TSK

TSK · يەرەمىيا 21:2

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زەدەك يەشۇئانىڭ ئايى شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىنى، يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، ئايى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلغىنىنى، گىبېئوندا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسرائىل بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،   

شۇ كۈنلەردە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ، ھارۇننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىننىڭ نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقامدۇق ياكى توختاپ قالامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى؛ پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ چىقىڭلار، چۈنكى ئەتە مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى.

شۇڭا ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يەنە: ــ ئۇ كىشى بۇ يەرگە كېلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ مانا، ئۇ يۈك-تاقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالدى، دېدى.

داۋۇت فىلىستىيكە: ــ سەن قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتما نەيزىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدىڭ؛ لېكىن مەن سەن ھاقارەت قىلغان، ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭغا ھۇجۇمغا چىقتىم ــ دېدى.

سامۇئىل سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى ئاۋارە قىلىپ چىقاردىڭ؟ ــ دېدى. سائۇل: ــ مەن تولىمۇ پەرىشان بولدۇم؛ چۈنكى فىلىستىيلەر ماڭا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ۋە خۇدا مەندىن يىراقلاپ، ماڭا ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ياكى چۈشلەر ئارقىلىق ھېچ جاۋاب بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن دەپ، سېنى چاقىردىم، دېدى.

ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ گىلېئادتىكى راموت بىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەرغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا بىز جىم ئولتۇرۇپ، تېخىچە سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئالمايمىز؟ ــ دېدى.

لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا تىشبىلىق ئىلىياسقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيە پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ماڭدىڭلارمۇ؟

بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە خەلق ئۈچۈن، يەنى پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇنىڭدىكى بىزلەرگە پۈتۈلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قۇلاق سالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قوزغالغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك، دېدى.

ئۇ چاغدا زەراھ ئىسىملىك بىر ئېفىئوپىي مىليون كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ يۈز جەڭ ھارۋىسىنى باشلاپ، [ئاساغا] ھۇجۇم قوزغاپ مارەشاھغا كەلدى.

پەرۋەردىگار بىر پەرىشتە ئەۋەتتى، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى قوشۇنىنىڭ لەشكەرگاھىغا كىرىپ، پۈتكۈل باتۇر جەڭچىلەرنى، ئەمەلدالار ۋە سەردارلارنى قويماي قىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە پادىشاھى شەرمەندە بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگەن چېغىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغۇللىرى ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.

كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار! ئۇ يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار!

ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت-ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار،

ــ قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس؛ ياكى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغۇدەك ئېغىر بولۇپ قالغان ئەمەس؛

مانا، شەھەرنى بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا سېلىپ چىقىرىلغان دۆڭلۈك-پوتەيلەرگە قارىغايسەن! قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن شەھەر ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ سەن ئالدىنئالا ئېيتقىنىڭ ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ مانا، ئۆزۈڭ كۆرىسەن.

پادىشاھ زەدەكىيا شەلەمىيانىڭ ئوغلى يەھۇكالنى ھەم كاھىن مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن» ــ دېگۈزدى

پادىشاھ زەدەكىيا ئادەم ئەۋەتىپ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچىنچى كىرىش ئىشىكىگە، ئۆز يېنىغا ئاپارغۇزدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: ــ مەن سەندىن بىر ئىشنى سورىماقچىمەن؛ ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن ــ دېدى.

يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «ماقۇل! مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۆزلىرىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرسە، مەن ئۇنى سىلەرگە ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي تولۇقى بىلەن بايان قىلىمەن» ــ دېدى.

شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ئۇلار ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى.   

يەتتىنچى يىلى، بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سورىغىلى مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى.