TSK

TSK · ئايۇپ 21:18

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئۆزۈڭگە قارشى چىققانلارنى نابۇت قىلدىڭ، سەن ئوتلۇق غەزىپىڭنى ئەۋەتتىڭ، ئۇ ساماننى كۆيدۈرگەن ئوتتەك ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى.

شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ؛ شىددەت بىلەن ئۇنى ئورنىدىن ئېلىپ يىراققا ئېتىپ تاشلايدۇ.

ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي!

ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش،

ئەللەر ئۇلۇغ سۇلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدەك دولقۇنلىنىپ كېتىدۇ؛ بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار يىراققا بەدەر قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار تاغدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ توپا-توپانلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىلگەندەك، قارا قۇيۇن ئالدىدا چاڭ-توزاڭلار قۇيۇن بولغاندەك ھەيدىۋېتىلىدۇ!

ئۇلار تىكىلدىمۇ؟ ئۇلار تېرىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ غولى يىلتىز تارتتىمۇ؟ ــ بىراق ئۇ ئۈستىگىلا پۈۋلەپ، ئۇلار سولىشىپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى توپاندەك ئېلىپ تاشلايدۇ.

ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن.

ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ.