TSK

TSK · يۇھاننا 6:70

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.  

لېكىن ئاراڭلاردىن ئېتىقاد قىلمىغان بەزىلەر بار، ــ دېدى (چۈنكى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشتىلا بىلەتتى).

ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.

ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!

سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم.   

مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى.   

ئۇنىڭغا: ــ ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟!

شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن.

مانا، شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلارنى بولسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلارنى كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا باش ئۇرىدىغان ۋە مېنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىمنى بىلىدىغان قىلىمەن.