ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى.
TSK
TSK · يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 5:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!
مەن سېنى قايتىدىن قۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن قۇرۇلىسەن، ئى ئىسرائىل قىزى! سەن قايتىدىن داپلىرىڭنى ئېلىپ شاد-خۇرام قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا چىقىسەن.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە [يېرۇسالېم توغرۇلۇق]: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مۇشۇ يەر توغرۇلۇق: «ئۇ بىر خارابىلىك، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولدى!» دەيسىلەر ــ دۇرۇس. لېكىن خارابە بولغان، ئادەمزاتسىز، ئاھالىسىز، ھايۋاناتسىز بولغان يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا
مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەنىلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلەيدىغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئىجابەت قىلغۇچى بولىمەن؛ مەن قوي پادىسىدەك ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئاۋۇتىمەن؛
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىئونغا قايتىپ كەلدىم، يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىمەن؛ يېرۇسالېم «ھەقىقەت شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ.