TSK

TSK · لاۋىيلار 23:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى تۈزۈڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىمۇ ھەم شۇنداق بىر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىنمىسۇن؛ پەقەت ھەر كىشىنىڭ يەيدىغىنىنى تەييارلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىلا قىلساڭلار بولىدۇ.

سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار، سىلەر مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان ھېيتلىرىم مانا مۇنۇلاردۇر: ــ

بىرىنچى كۈنىدە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.

شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر.