مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار.
TSK
TSK · لۇقا 21:12
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.
سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر.
مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ.
ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى، چۈنكى كەچ كىرىپ قالغانىدى.
ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى.
ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرۈپ ۋارقىرىشىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى،
ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: ــ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ــ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى.
توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى.
مىڭبېشى يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىپ، باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى.
فېستۇس [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىگە كىرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قەيسەرىيەدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا بارغانىدى.
ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ مېنىڭمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار، ــ دېدى. ــ ئەتە ئاڭلايسىز، ــ دېدى ئۇ.
ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ،
سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار.