TSK

TSK · ماركۇس 13:8

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق-مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى.

ــ «ۋە مەن مىسىرلىقلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تۇرىشىدۇ، ئۆز قوشنىلىرى بىلەنمۇ سوقىشىدۇ؛ شەھەر بىلەن شەھەر، پادىشاھلىق بىلەن پادىشاھلىق بىر-بىرىگە قارشى ئۇرىشىدۇ؛

چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا.

[پەرۋەردىگار] سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟

ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە ھەممىسى ئۈستىگە چىقىپ تارقىلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇن چىقىدۇ.

بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قوللىرى تىترەپ بوشاپ كېتىدۇ؛ غەم-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ، تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ئازابلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ.

پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ.

لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس.

ئەمدى كىشىلەر «[دۇنيا] تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.