ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ.
TSK
TSK · ماركۇس 13:9
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.
قايسى يەردىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، شۇنداقلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى.
ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى.
مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ.
پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، كاھىنلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىيلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: ــ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى.
ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ،
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.
ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ: ــ بۇ ئادەملەر يەھۇدىيلار بولۇپ، شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە.
بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى [ئۇرۇپ] ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق [رىم] قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى.
پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجداندا مېڭىپ كەلدىم، ــ دېدى.
فېستۇس [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىگە كىرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قەيسەرىيەدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا بارغانىدى.
ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛
بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛
ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم.