مېنىڭ ئۈزۈمزارىمدا قىلغۇدەك يەنە نېمە ئىشىم قالدى؟ ياخشى ئۈزۈملەرنى كۈتكىنىمدە، نېمىشقا پەقەت ئاچچىق ئۈزۈمنىلا چىقىرىپ بەردى؟
TSK
TSK · ماتتا 21:37
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى.
خوجايىننىڭ يېنىدا پەقەت ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بىر ئوغلىلا قالغاچقا، ئۇلار ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرى بولۇپ باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى.
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.
خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ،