ھالبۇكى، ئەگەر سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي، بۇ ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلماي،
TSK
TSK · ماتتا 21:41
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: ــ ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ.
ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر. رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ.
بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر.
زېمىن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ھەربىر ئائىلە ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ. داۋۇت جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا، ناتان جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛
مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا يىغىمەن؛ شەھەر ئىشغال قىلىنىدۇ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ؛ شەھەرنىڭ يېرىمى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ تىرىك قالغان خەلق شەھەردىن ئېلىپ كېتىلمەيدۇ.
ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.
شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە، ھەققانىيلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان بارلىق قان قەرزلىرى بۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلىدۇ.
سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ.
لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار!
چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس يازمىلاردا] بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز-كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار.
ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى.
مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ
«يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.
بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى رەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلغانلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتە بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدىن يۈز ئۆرۈسەك، ھالىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولمامدۇ؟