چېدىرنى كۆچۈرىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار سۆكسۇن؛ چېدىرنى تىكىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار تىكسۇن؛ [لاۋىيلارغا] يات بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 10:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
كوھاتتىن ئامراملارنىڭ جەمەتى، ئىزھارلارنىڭ جەمەتى، ھېبرونلارنىڭ جەمەتى ۋە ئۇززىئەللەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇ كوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى.
پۈتۈن بارگاھتىكىلەر يولغا چىقىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جاي ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىپ كۆتۈرسۇن؛ لېكىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇقەددەس بۇيۇملارغا قول تەگكۈزمىسۇن. جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن شۇلارنى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
لېكىن ئۇ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىغاھېچنېمە بەرمىدى؛ چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى؛ دېمەك، ئۇلار مەسئۇل بولغان نەرسىلەرنى ئۆز مۈرىسىدە كۆتۈرەتتى.
ئۇ چاغدا داۋۇت: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن بۆلەك كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈشىگە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا شۇلارنى تاللىغانىدى» دېدى.