كل أسفار مۇقەددەس كىتاب

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 12

مۇقەددەس كىتاب · الأصحاح 12

36 أصحاحات

مۇقەددەس كىتاب / چۆل-باياۋاندىكى سەپەر / الأصحاح 12

مۇقەددەس كىتاب · الأصحاح 12

1 مەرىيەم بىلەن ھارۇن مۇسانىڭ ھەبەشلىك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلدى ‹چۈنكى ئۇ ھەبەشلىك بىر قىزنى ئالغانىدى›.

2 ئۇلار: — پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ — دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى.

3 مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى.

4 پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: — سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، — دېدى. ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى.

5 ئاندىن پەرۋەردىگار [ئەرشتىن] بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە چۈشۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ھارۇن بىلەن مەريەمنى قىچقىرىۋىدى، ئۇلار ئالدىغا كەلدى.

6 ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن.

7 لېكىن قۇلۇم مۇساغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ بارلىق ئائىلەم ئىچىدە تولىمۇ سادىقتۇر؛

8 مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ — دېدى.  

9 پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى ۋە ئۇ كېتىپ قالدى.

10 شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى.

11 ھارۇن مۇساغا: — ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن.

12 ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! — دېدى.

13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: — ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، — دەپ نىدا قىلدى.

14 پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى.

15 شۇنىڭ بىلەن مەريەم بارگاھ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلدى، تاكى مەريەم قايتىپ كەلگۈچە خەلق يولغا چىقماي تۇرۇپ تۇردى.

16 ئاندىن كېيىن خەلق ھازىروتتىن يولغا چىقىپ، پاران چۆلىدە بارگاھ قۇردى.