ھارۇن ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىككىڭلار مەرىباھ سۇلىرى دېگەن جايدا مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە بولمايدۇ.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 27:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى.
ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛