TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما.

بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ شۇڭا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى.

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!  

ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛ قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر.

تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس.  

مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن.